26- ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن ، بارسېلونانىڭ نوكامپ پۇتبول مەيدانىدا بارسېلونا كۇلۇبى بىلەن مىلان كۇلۇبى ‹‹گامپېر لوڭقىسى ››نى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى ئوينىدى . مۇسابىقىدە بارسېلونا كۇلۇبىغا يېڭى ئالمىشىپ كەلگەن ماھىر ۋېللا بىر توپ كىرگۈزدى ، مىلان كۇلۇبىدىن ئىنزاگى بىر توپ كىرگۈزۈپ نەتجىدە ، ئىككى كۇلۇب تەڭلىشىپ قېلىپ ، نۇقتا توپ جېڭىگە چۈشتى . پېرلو ۋە سېدروفلارنىڭ نۇقتا توپنى كىرگۈزەلمەسلىگى بىلەن 2 گە قارشى 4 نەتىجە بىلەن ساھىپخان بارسېلونا كۇلۇبى لوڭقىنى ئالدى . ئىلگىرىكى نوكامپ شاھزادىسى دەپ نام ئالغان رونالدىنيو پۈتۈن بارسېلونا توپ مەستانىلىرىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى . گامپېر لوڭقىسى بارسېلونا كۇلۇبى تەرىپىدىن يىلىدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان بارسېلونا كۇلۇبىنىڭ قۇرغۇچىسى جون گامپېر ئەپەندىنى خاتىرلەش ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان مۇسابىقە بۇلۇپ 1966-يىلىدىن باشلاپ ئۆتكۈزۈلۈپ كەلگەن . بارسېلونا كۇلۇبى 2009-يىلى مانچېستېر شەھىرى كۇلۇبى بىلەن ، 2008-يىلى بوكا ياشلاركۇلۇبى بىلەن ، 2007-يىلى ئېنتىرمىلان كۇلۇبى بىلەن ، 2006-يىلى بايرېن مىيۇنخىن كۇلۇبى بىلەن ، 2005-يىلى يۇۋېنتۇسكۇلۇبى بىلەن ، 2004-يىلى مىلانكۇلۇبى بىلەن تۇتۇشقان بۇلۇپ مىلان كۇلۇبىنى ھەر ئىككىلا قېتىم ئۇتقان |



