راخمانجان ئاۋۇت مەن ئۆزۈمنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلدىم. مەن ساراڭ بولۇپ قالغىنىم يوق. ئەقلىي – ھوشۇم شۇنداق جايىدا. ساراڭ بولۇپ قېلىشنى خۇدادىن تىلىسەممۇ ساراڭ بولۇپ قالمىدىم. راستتىنلا ساراڭ بولۇپ قالسام، ئۆز – ئۆزۈمنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىشىمنىڭ قىلچىلىك ھاجىتى يوق ئىدى. ساراڭلاردىن ساراڭ بولۇشنىڭ سەۋەبىنى ۋە ساراڭ بولۇش ئۇسلۇبىنى سوراپمۇ باقمىدىم. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكىنى ئىگىلىۋېلىشمۇ مەن ئۈچۈن جىنايەت ھېسابلىناتتى. مەن كېچە – كۈندۈز ساراڭ بولۇپ قېلىش ئارقىلىق جېنىمنى ساقلاپ قېلىشنى ئويلىغان بولساممۇ، ساراڭ بولالمايدىغانلىقىمغا كۆزۈم يېتىپ ئاخىر بۇ خىل بەختتىنمۇ ئۈمىدىمنى ئۈزۈپ بۇ يولنى تاللىدىم. ساراڭنىڭ ئىشىغا ھېچكىم ئارىلاشمايدۇ. نېمىنى خالىسا شۇنى قىلىپ ئەركىن – ئازادە ياشايدۇ. ئۇنى باشقۇرىدىغان باشلىقى، كېچىلەردە تالادا ياتسىمۇ ئۇنىڭ ياقىسىغا ئېسىلىپ جېدەل قىلىدىغان خوتۇنى يوق. ئۇنىڭغا نە ئابرۇي، ئىناۋەتنىڭ، پۇل – مالنىڭ، نام – شۆھرەت ۋە ئەمەلنىڭ كېرىكى يوق. تىنىمسىز ئالمىشىپ تۇرىدىغان كۈننىڭ نەق ئۆزىنى داغدۇغىسىز ياشاش، باشقىلارنىڭ ئىشلىرى بىلەن كارى بولماسلىق ۋە ئارىلاشماسلىق ئۇنىڭ ئەركىنلىكى. ئادەملەرگە نىسبەتەن ئۆز ئىشى بىلەن مەشغۇل بولۇپ باشقىلارنىڭ ئىشىغىمۇ ئارىلاشماي، باشقىلارنىڭ سۆز – چۆچەكلىرىگىمۇ قۇلاق سالماي ياشاشمۇ بىر خىل بەختقۇ ئاخىر. ساراڭ بولۇپ قېلىش ئۈمىدىم يوققا چىققاندا بولسا، كىشىلەرنىڭ كۆزىدە ئۆزۈمنىڭ دەرد – ئازابلىرىمنى يوشۇرۇش ئۈچۈن زورۇقۇپ كۈندىن – كۈنگە سۈپىتى ناچارلىشىپ كېتىۋاتقان ۋۇجۇدۇمنى يۇيۇپ، تازىلاپ چىرايلىق كاستۇم – بۇرۇلكىنىڭ ئىچىگە بەنت قىلىش ئارقىلىق ئۆزۈمنى ئالداشنى خالىمىدىم. ئۆزۈمنىڭ بىر دۆۋە ئىسسىق گۆشتىن تۈزۈلگەن بەدىنىمنىغۇ باشقىلاردىن يوشۇرۇپ ساغلاملىقىمنى نامايان قىلىپ ياشىيالىساممۇ، يىلىكى ئېقىپ تۈگىگەن سۆڭەكتەك ئازابنىڭ دەستىدىن كۈكۈم – تالقان بولۇپ كەتكەن روھىي دۇنيايىمنى قانداق قىلىمەن. باشقىلارنىڭ كۆزىنى غەلەت قىلىپ يالغان گەپلەر بىلەن ئۇلارنى ئالداپ ياشىساممۇ، لېكىن ئۆز – ئۆزۈمنى ئالداپ قانداقمۇ ياشايمەن. باشقىلارغا قىلغان خىيانىتىم يەتمىگەندەك، ئۆز – ئۆزۈمگە خىيانەت قىلسام ئۆزۈمنى قانداقمۇ ئادەم دەپ ھېسابلىيالايمەن. مەن باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىمنى ئاز دەپ ئۆزۈمنىڭ ئالدىدىمۇ كەچۈرگۈسىز جىنايەت ئۆتكۈزدۈم. شۇڭلاشقا ئىپلاس ۋۇجۇدۇمنى سۆرەپ يۈرۈپ پاك قىياپەتكە كىرىۋېلىشنى خالىمىدىم. رەزىللىككە تولغان ۋۇجۇدۇم بىلەن مۇشۇ زېمىننى بۇلغاشنى خالىمىدىم. تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىدىن بەھرە ئېلىشنى خالىمايدىغان كۆزلىرىمنى، قۇياشنىڭ ئىللىقلىقىدىن لەززەتلىنىپ ھاياتقا ئۈمىدۋارلىق بىلەن مۇئامىلە قىلالمايدىغان يۈرىكىمنى بىر يولى جىمىقتۇرۇپ، كەلگۈسىنىڭ مەن ئويلىغاندىنمۇ ئېچىنىشلىق قىسمەتلىرىنى قوبۇل قىلىشتىن يالتىيىپ، ۋاز كەچكەنلىكىم ئۈچۈن ئۆزۈمنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىش قارارىغا كەلدىم. مېنىڭمۇ باشقا ئادەملەردەك بالىلىق دەۋرىم ۋە ئۆزۈمنى ناھايىتى بەختلىك ھېس قىلىدىغان ئالىي مەكتەپ ھاياتىم بولغان. قىران مەزگىللىرىمدە مەنمۇ باشقا يىگىتلەرگە ئوخشاش مۇھەببەت دەرياسىغا غەرق بولۇپ ئازابتىن بىخەۋەر ھالدا ئۆزۈمنى بۇ دۇنيانىڭ ئەركى بالىسىدەك ھېس قىلىدىغان غەيرەتلىك چاغلىرىم ئۆتكەن. مۇھەببەت مىۋىسىگە ئېغىز تەككەن چىغىمدا جاھاندا مەندەك بەختلىك ئادەم بولمىسا كېرەك دەپ ئويلاپ ھاياتنى پەقەت ئۆزۈملا ياشاپ ھاياتنىڭ قەنتىنى ئۆزۈملا چېقىۋاتقاندەك بارچە ئايالنىڭ گۈزەللىكى، جەزبىدارلىقى مۇلايىملىقى، نازۇكلىقى ۋە مېھر – مۇھەببىتى مەن سۆيگەن قىزنىڭ ۋۇجۇدىغا كۆمۈلگەندەك تۇيغۇ بىلەن شادلانغان چاغلىرىم بولغان. بىراق ئاشۇ ھاياجانلىق ھېسسىيات يۈگەنسىز ئاتتەك كۆككە تۇتاشقان تاغنىڭ چوققىسىغا چىقىپ ئۆزىنى كونترول قىلالماي ھالاك بولغاندەك بارلىق كەچۈرمىشلىرىم ئەۋجىگە چىقىپ غايىب بولغاندا ھەممە ئىشلار چۈشتەك بىلىنىشكە باشلىغانىدى. ئەنە شۇ چاغدىن باشلاپ ۋۇجۇدۇمنى ئۆرتەپ كېلىۋاتقان ئازاب گاھىدا مېنى بىر پارچە مۇزغا ئايلاندۇرۇپ قويسا، گاھىدا قوناق پايخانلىرىدەك كۈل قىلىپ كۆيدۈرۈپ گاھدا ياشاۋاتقاندەك تۇيغۇنى ئاتا قىلسا، گاھدا ئۆلىۋاتقاندەك ياكى ئۆلۈپ تىرىلگەندەك تۇيغۇ بىغىشلىدى. شۇندىن بېرى باشقىلارنىڭ ئارىلىشىۋېلىشى بىلەن تىنىمسىز پالاكەت بىسىپ بېشىمغا كەلگەن دەرد كۈلپەتلەر مېنى ئارزۇ – ئارمانلىرىمدىن قول ئۈزۈشكە مەجبۇر قىلىپ، ساراڭ بولۇۋېلىشقا ياكى ئۆلۈۋېلىشقا قىستاپ باردى. مەن كىچىك چىغىمدا دادام قۇربانلىققا ئاتىغان قوينىڭ گىلىغا پىچاق سۈرۈلۈش ئالدىدىكى تىرەجىشىنى ۋە پولتايغان كۆزلىرىنى كۆرۈپ ئەقىل، ئاڭ بولمىغان ھەيۋاننىڭمۇ ھاياتقا بولغان چەكسىز ئىنتىلىشىنى ھېس قىلغانىدىم. مېنىڭ ئۆز – ئۆزۈمنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىشىمنىڭ سەۋەبىنى بىرەرسىگە ئېيتىپ بەرسەم يەنە ئارىلىشىۋېلىپ سۆزلىرىمنى بۆلۈپ سىستېمىلىق، راۋان بايان قىلىشىمغا توسقۇنلۇق قىلماسلىقى ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرقى رەت بولسىمۇ بارلىق كەچۈرمىشلىرىمنى ئەسلەپ ئۆز – ئۆزۈمگە ھېكايە قىلىپ بېرىش قارارىغا كەلدىم. مەن ئالدى بىلەن تۇغۇلۇش جىنايىتى ئۆتكۈزدۈم. ئانام مېنى تۇغماسلىق ئۈچۈن تىرىشىپ مەن قوشىقىدىكى چېغىمدا ئېگىز تاملاردىن سەكرەپ، ئېغىر ئەمگەكلەرنى قىلىپ باققان بولسىمۇ مەن يەنىلا ساغلام ھالەتتە بۇ دۇنياغا كەلدىم. ئەگەر راستىنلا تۇغۇلمىغان بولسام ئۆلۈشنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى. تۇغۇلغاندىن تارتىپ تا ھازىرغىچە كۈنلىرىم ياشاشقا مەجبۇرلىنىش ئىچىدە ئۆتتى. ھەرقانداق ئادەمدە ئادەم بولۇپ دۇنياغا كەلگەندىن كېيىن ياشاش ئەركىنلىكى ۋە ھوقۇقى بولىدۇ. ئۆزىگە تۇشلۇق ئارزۇ – ئارمانلىرى بولىدۇ. لېكىن تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن شور پىشانە بولغانلىقىم ئۈچۈنمۇ ھاياتىمدا ئېرىشمەكچى بولغان نەرسىلىرىمدىن قۇرۇق قېلىپلا كەلدىم. مەن بىزار بولغان نەرسىلەر تۆت ئەتراپىمغا ساماندەك دۈۋىلىنىپ كەتتى. بالىلىق چاغلىرىم ئۆگەيلىكنىڭ قاتتىقچىلىقى ئىچىدە ئۆتتى. ياشلىق مەزگىلىمدە بولسا ھەرھالدا بىر قېتىم تەلىيىم كېلىپ ئالىي مەكتەپكە ئۆتتۈم. ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈش بىلەن بىرگە خام – خىياللىرىم ياخشى تۇپراققا سېلىنغان تاغ تىرىكىدەك كۆكلەپ تېز سۈرئەتتە ئۆسۈشكە باشلىدى. مەن خام – خىيال بۆشۈگىدە ئەللەيلىنىپ تاشتىن قاتتىق باسقان خىياللىرىم بىلەن بولۇپ كېتىپ رېئاللىقتىكى ئۆزۈمنىڭ مەۋجۇدىيىتىنى ئۇنتۇپ قالدىم. ئاشۇ بىر قېتىملىق تەلەي مېنى مەڭگۈ ئارقامغا يانالماس دەرىجىدە ئالدىدى. مەن ئادەملىك سالاھىيىتىم بىلەن بىر قىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم. ئومۇ مېنى ياخشى كۆرەتتى. بىز ئەڭ گۈزەل ياشلىق باھارىمىزنىڭ بەش يىلىنى ئاجايىپ مەناغا ئىگە قىلىپ ياشىدۇق. ئانام ئەتكەن ئۇماچمۇ پۇل بىلەن قاينايدىغان دۇنيادا مەن سۆيگەن قىزىمدىن نامراتلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇپ ئۇنى ھەم ئۆزۈمنى ئالداشقا مەجبۇر بولدۇم. بىز مۇھەببەتلەشكەن جەرياندا مەن ئۇنىڭغا بىر نەرسىلەرنى سوۋغا قىلىش ئۈچۈن نەچچە قېتىم قان ساتتىم، ئاشۇ شىرىن مىنۇتلارنىڭ ھەربىر دەقىقىسىنى سېتىشقا بولىدىغان نەرسىلىرىمنى سېتىپ بىر ئاماللارنى قىلىپ ئۆتكۈزدۈم. ئاخىردا ساتقىدەك نەرسەم قالمىغاندا ئاندىن ئۇنىڭدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدۇم. ئەسلىدە مەن مۇھەببەتنى باھاسىز نەرسە، مۇھەببەتنى پۇلغا بىقىپ باھالاش چاكىنىلىق دەپ چۈشىنەتتىم. ئادىمىيلىك ھېسسىياتنىڭ باھاسى چۈشكەن تاۋاردەك بازاردا سېتىلىدىغانلىقىدىن خىۋىرىم بولمىغاچقا مەن ھەرقانچە نامراتلىشىپ كەتسەممۇ مۇھەببەت يەنىلا ماڭا تەئەللۇق بولىدۇ دەپ قارايتتىم. بىراق رېئاللىق بۇ خىياللىرىمنى بەربات قىلدى. مېنىڭ مۇھەببىتىم چېقىشقا ھۆددىگە بېرىلگەن كونا بىنادەك ئۆزۈمگە قىلىپ مەن ئاشۇ بىنانىڭ ئىچىدە نەپەس ئالالماي جىنىمنى قىينىدىم. تەڭرىتېغىنىڭ ئۈستىدىكى توپا قونماس كىرسىز قاردەك، پاك ئالماستەك مۇھەببىتىمنى ئادەملەر مەسخىرە قىلىپ سۆيگەن قىزىمنى ئۆزلىرى ياسىۋالغان ئاشۇ بىر تۇتام قەغەزگە تېگىشىپ مەندىن تارتىۋالدى. مۇھەببەت مېنى كەمسىتتى. مېنى ئەرزىمەس ئەخلەت قاتارىدىمۇ كۆرمىدى. ئەگەر ئەخلەت بولغان بولساممۇ يەنە يىغىۋېلىنىپ پىششىقلاش زاۋۇتلىرىدا كېرەكلىك نەرسە بولۇپ ياسىلىپ چىقاتتىم. مەن ئانامدىن تۇغۇلغان پېتى سالتاڭ بىر ئادەم بولۇپ قالدىم. شۇنچە كۆپ ئادەملەر ياشايدىغان يەر سارىدا يالغۇز ياشاش، يالغۇزلۇق دەردىنى تارتىش ھەرقانداق بىر ئادەم ئۈچۈن ئېغىر كېلىدۇ ئەلۋەتتە. مەن سۆيگەن قىزىمدىن ئايرىلغاندىن كېيىن قەلبىمنى تۈگىمەس دەرد – ھەسرەت ئىگىلىۋالدى. خام خىياللىرىم جىسمىمنى پارە – پارە قىلىۋەتتى. يۈرىكىم لەختە قانغا تولدى. ياشاش مەنىسىنى، ھايات ئەھمىيىتىنى يوقاتتى. شۇڭلاشقا مەن قەلبىمدىكى بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلدىم. كۆڭلۈمدە خارلىنىش سەۋداسى باش كۆتۈردى. گويا بۇرۇنقى خارلىنىشلىرىم، خورلۇقلىرىم ئاز كەلگەندەك ئۆزۈمنى ئۆزۈم ئازابنىڭ ئەڭ چوڭقۇر تەكتىگە پاتۇرۇۋەتمەكچى ۋە شۇ ئارقىلىق ئۈزۈل – كېسىل ھالاك بولۇشنى ئويلىدىم. بىر ئادەمنى رەنجىتمەك ئاسان. خوش قىلماق تەس بولغىنىدەك ياخشى نىيەت ئاسەن ئەمەلگە ئاشمىغىنى بىلەن يامان نىيەت ئاسانلا ئەمەلگە ئاشىدىكەن. مەن چۈشكۈنلۈك زەئىپلەشتۈرۈۋەتكەن كۆڭلۈمگە تەسەللى ئىزدەش ئۈچۈن ئۇرۇندۇم. شۇ تاپتا قەلبىم لىق ئوغا قاچىلانغان كوزىدەك قاينايتتى. قەلبىم ئاياللارغا نىسبەتەن چوڭقۇر ئۆچمەنلىك ھېسسىياتقا تولۇپ كەتكەچكە قىساسكىرانە ھېسسىيات بىلەن ئۆزۈمدىن باشلاپ ھەممىگە نەپرەتلىنەتتىم. بىر قىز تەرىپىدىن يەرگە ئۇرۇلغان غۇرۇرۇمنى قايتا تىكلىمەكچى بولۇپ قىزلار دۇنياسىدىن ئۆزۈمگە تەسەللى ئىزدەشكە باشلىدىم. مەن ئۇلارنىڭ مۇلايىم، نازۇك روھىي دۇنياسىدىن ئەمەس، ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىغا شۇڭغۇپ كىرىپ ئاياللار بىلەن ئارىلىقىمدىكى چەكسىز بوشلۇقنى تولۇقلاپ ئۆزۈمنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئۇنتۇشقا تىرىشتىم. ئەرلەر دۇنياسى ئۈچۈن ھاياتىي كۈچ بىغىشلايدىغان ئاشۇ خۇشپۇراق گۈللەرنى گوياكى باققا كىرىپ قالغان قوتۇر ئېشەك خوخا تىكەن يىگەندەك چايناپ، ئاخىرىدا سىيىپ تىزەكلەپ ئىغىناپ چىقىپ كەتكەندەك ئۇلارنى ھەم ئۆزۈمنى دەپسەندە قىلدىم. بۇ گۇناھلىرىمنى ئاللا كەچۈرگەن ھالەتتىمۇ نىرۋام كەچۈرمەيدىغانلىقىنى ۋە قەلبىمنى بىر ئۆمۈر ئازابلايدىغانلىقىنى بەك كېچىكىپ ھېس قىلدىم. مېنىڭ ئۈچۈن ياشاش، گۈزەل ئارزۇ – ئارمانلىرى ئۈچۈن كۆرەش قىلىش ئەمەس تەقدىرنىڭ مېنى مەسخىرە قىلىشى ئۈچۈن يەمچۈك بولۇش ۋە ئۆلۈمنى كۈتۈشتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى. تەقدىرنى مەسخىرە قىلىپ ئۇنىڭدىن غالىپ كېلىش ئۈچۈن بىردىنبىر ئەركىنلىك پەقەت ئۆزۈمنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىش ئىدى. ئازابنىڭ دەستىدىن يۈرىكىم بىلەي تاشتەك ئۇپراپ سۆڭەكلىرىم گۆشۈمدىن ئاستا – ئاستا ئاجراپ كېتىۋاتقاندەك تۇيغۇدا ياشايدىغان بولۇپ قالدىم. گەرچە نامرات ئائىلىدە چوڭ بولغان بولساممۇ ھەرھالدا مال – دۇنياغا كۆزۈم توق شۈكرى – قانائەتچان ئادەم ئىدىم. نامراتلىقىمغا قوشۇلۇپ شۈكۈرچانلىقىمنى ئالەمچە دەرد – ھەسرەتتە قويدى. ئاتا – ئانامدىن ماڭا مىراس قالغان نامراتلىق جىنايىتى مېنى ھەممىدىن مەھرۇم قىلدى. مەن سۆيگەن قىزىمدىن ئايرىلغاندىن كېيىن يەنە باشقىچە ياشاش ئۇسۇللىرىنى تېپىپ چىقماقچى بولدۇم. بۇ خىياللىرىم بىمەھەل ئۆزۈمنى ئالداشتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى. ئۆزۈمنى ئالداشمۇ مېنىڭ شەخسىي ھەقىقىتىم ئىدى. مەن تەقدىرگە بىر قېتىم تەن بەرمەكچى بولدۇم. شۇ ئارقىلىق بارلىق كەچۈرمىشلەرنى ئۇنتۇپ كېتىپ ئىشنى باشتىن باشلىماقچى بولدۇم. لېكىن مەن باشتىن باشلىغىدەك ئىشمۇ يوق ئىدى. قانداق قىلىش كېرەك. ھاراقكەشلىكنى چۈشكۈن، ئەخمەك كىشىلەرنىڭ ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىشى دەپ قارايتتىم. قىمارنى قارا نىيەت كىشىلەرنىڭ خىيالدا باي بولۇشى، ئەيشى – ئىشرەتنى ئەخلاقسىز چاكىنا ئادەملەرنىڭ پەس تۇرمۇشى دەپ چۈشىنەتتىم. قىممەت باھالىق تاماقلارنى يەپ تەرىتى قىستىسا ئاچچىغى كېلىدىغان بىخىل بايلار بىلەن دوستلىشىپ ئۆتۈش ئەقلىمگە سىغمايتتى. شۇڭلاشقا ئۆزۈمنى گويا بۇ ئالەمگە ئىزىپ كېلىپ قالغاندەك ھېس قىلاتتىم. شۇنداقتىمۇ مەن بارلىق كۆز قاراشلىرىمنى ئىنكار قىلىپ غەمسىز كىشىلەردەك تۇرمۇشنىڭ ئۆزىنى ياشاش قارارىغا كەلدىم، ھەم شۇنداق قىلدىم. قالدى قاتتى پۇللىرىمغا چىرايلىق كىيىملەرنى سىتىۋېلىپ ئاشىقىنى يانچۇققا سېلىپ كۆرەڭ بايۋەتچىلەردەك ئۆزۈمنى بېزەپ چىقتىم. مېنىڭ بۇ مايمۇن ئويۇنۇم راستىنلا ئۈنۈم بەردى. چەكسىز گۈزەللىك ھەم بالاغەتكە تويۇنغان قىزلار ئەتراپىمدا پەرۋانە بولۇشقا باشلىدى. مەن خۇددى چەت ئەل فىلىملىرىگە ئاۋاز بېرىۋاتقان ئاۋاز ئارتىسىدەك يۈرىكىمنىڭ تاللىشىغا قارشى جىسمىمغا ئاۋاز بېرىپ شىرىن – شىكەر سۆزلەرنى ئۇلارنىڭ بېشىدىن توي كەمپۈتىدەك چاچقۇ قىلدىم. ئۇلارنىڭ دۇنياغا ھېرىسمەن كۆزلىرىنى ئازدۇرۇپ، گەپدانلىقىم بىلەن ئەپسۇن ئوقكۇپ بېشىنى ئايلاندۇردۇم. ئۇلار مېنىڭ ساختا سۆزلىرىمگە راست دەپ ئىشەندى. مەن ئۇلارنىڭ جىسمىدىن ھۇزۇرلىنىش بەدىلىگە ئۆزۈمنىڭ تەلپۈنۈشلىرىنى مۇھەببەتلىك پاك تۇيغۇلىرىمنى بۇلغاپ ئۇلارنى ھەم ئۆزۈمنى ئالداش بەدىلىگە ئۇلارنى ھەم ئۆزۈمنى دەپسەندە قىلدىم. قاشتىشىدەك سۈزۈك بەدەنلىرىگە سىغماي، پارتلاپ كېتەي دەپ قالغان بىچارە قىزلار ئۆزىنىڭ كۆڭۈل ئاچىدىغان بىر قونچاققا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلالمايتتى. ئادەم كۆڭلىدە ئويلىغانلىرىنى ئەمەلدە كۆرسىتەلمىسە ئىچى تىتىلداپ ئۆزىدىن بىزار بولۇپ ئۆزىنى كەمسىتىشكە مەجبۇر بولىدۇ. مەن ئەنە شۇنداق ئىلاجىسىزلىق ئىچىدە ھەربىر مىنۇت – ھەربىر دەقىقىنى مىڭغا بۆلۈپ خىيال قىلىش بىلەن ياشىدىم. باشقا ھېچقانداق چىىش يولۇم قالمىدى. مەندەك بىر روھى ئۆلگەن ئادەمگە ئەسلىدە ئۆينىڭمۇ لازىمى يوق ئىدى. تۆت تەرىپىمدىن قاپساپ كېلىۋاتقان دەرد – ئازاب ئىچ – باغرىمنى قان يىرىڭغا ئايلاندۇرۇۋېتىپ بارسا كەڭرى، ھەيۋەت بېزەلگەن ئۆيدە راھەتلىنىپ ياشىيالايتتىممۇ؟ تەقدىرىمنىڭ بىخىللىقى ئۆزۈمنى ۋە باشقىلارنى قەدىرلىشىمگە، سۆيۈشۈمگە يول قويمىدى. گەرچە مەن ئۆلۈكنى سۆيۈپ تىرىلدۈرەلەيدىغان مەسىھ① بولمىساممۇ يۈرىكى يېنىپ تۇرغان بىر ئاغەمدە، مەن قەلبىدە ماڭا بولغان مېھرى – مۇھەببەتتىن باشقا ھېچنەرسىسى يوق ئاتا – ئانامنىڭ سۆيگۈسىدىن باشقا ھېچكىمنىڭ سۆيىشىگە مۇھتاج بوشلۇق بارغانسىرى كېڭىيىپ باردى. ئۆزۈمنى پۈتكۈل ئىنسانىيەت تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلگەندەك خورلۇق ئىچىدە ھېس قىلدىم. باشقىلارنىڭ مېنى سۆيۈشى ئۈچۈن پۇلۇم بولۇشى كېرەك. ئىنسانننڭ تۈپكى تەبىئىتىگە نىسبەتەن ئەڭ كېرەكسىز ئاشۇ نەرسە مەندە يوق ئىدبى. شۇڭلاشقا مەن ئىنسانىيەت توپىدىن ئايرىلىپ يەككە – يىگانە ياشاۋاتقان بىر مەخلۇققا ئوخشاپ قالدىم. لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن ئۆزۈمنى تامامەن قەدىر – قىممىتىم قالمىدى دەپ ئېيتالمايتتىم. چۈنكى ئادەملىك سۈپىتىم بىلەن يارالغانمەن. مەيلى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدە ياشىساممۇ ئادىمىيلىك قەدىر – قىممىتىمنى ساقلىشىم، ئۇنى ئاسرىشىم كېرەك ئىدى. باشقىلارنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن تۆكۈلگەن ئابرۇيۇمنى دەپسەندە بولغان ۋىجدانىمنى ئىمكانىيىتىمنىڭ بىرىچە قوغدىشىم كېرەك ئىدى. بەدىنىمنىقڭ تاشقى شەكلىنى ياتلارنىڭ خالىغانچە كۈلكە ئاستىغا ئېلىشىنى توسۇش مېنىڭ ئەڭ مۇھىم مەجبۇرىيەتلىرىمنىڭ بىرى ئىدى. مەن پۇلۇم بولمىغانلىقى ئۈچۈن بۇلاڭچىلىق قىلىشنى، ئوغۇرلۇق قىلىشنى، باشقىلارنىڭ نۇرغۇن ئەمگىكى ۋە قان تەرى بەدىلىگە كەلگەن ئەرزىمەس مال – دۇنياسىنى يۈزسىزلىك بىلەن قولۇمغا كىرگۈزۈۋېلىشنى ئويلىمايتتىم. ئۇنداق ياشىغاندىن ئۆلگەن تۈزۈك ئىدى. شۇ سەۋەبلىك باشقىلارنىڭ رىسقىغا قول سوزمىغانلىقىم سەۋەبلىك ئادەملەر مېنىڭ رىسقىمغا چاڭ سېلىپ مەندىن تارتىپ ئېلىپ لېتىدىغانلىرىنى تارتىپ، يۇلۇپ ئالىدىغانلىرىنى يۇلۇپ ئېلىپ كەتتى. مەن تۇغما گالۋاڭ، ئەس – چۇشى جايىدا ئەمەس ئادەمدەك، ئادەملەرنىڭ سەمىمى رەھىمسىزلىكىدىن ھاڭ – تاڭ قالغانچە شۆلگىيىمنى ئېقىتىپ قالدىم. بىر كۈنى ئۆيدە تېلېۋىزور كۆرۈۋاتسام ئىدارىمىزدىكى تاقىرباش يازغۇچى خىزمەتدىشىم مېنى ئىزدەپ كىرىپتۇ. مەن بىرەر كەسپىي ئىش بىلەن ئىزدەپ كەلگەن ئوخشايدۇ دېسەم ئۇ ماڭا تولىمۇ ئەستايىدىللىق بىلەن چوڭقۇر ھېسداشلىق قىلغان ئاساستا: مەن چىقاي دېدى، ئۇ بىردەم ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئويلىنىپ بېقىڭ. كاللىڭىزدىن ئۆتسە ماڭا جاۋابنى بېرەرسىز، دېدى چىقىپ كەتكەچ. مەن ئۇنىڭغا خوشمۇ دېمەي ئىزىمدا ئولتۇرۇپلا قالدىم. ئۇ قىزنىڭ كىملىكىنى بۇ ئىنسان بېلىشتىن ئاۋال بىلىپ ئۇلار تونۇشۇشتىن ئاۋاللا تونۇيتتۇم. روھى ياش، كۆزى ئاچ بولسىمۇ جىسمى كېرەكتىن چىققان بۇ ئىنسان ئۇ قىزنى ياخشى كۆرەتتى. ئۆزىنىڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىنىڭ كۆز ئالدىدا يۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىپ شۇڭا ماڭا ئېلىپ بەرمەكچى بولۇۋاتاتتى. مۇبادا مەن ئۇنى نىكاھىمغا ئالسام ئۇنى ئىدارىدا كۈندە كۆرەلەيتتى. ئەمەلىيەتتە ئۇ مېنىڭ تەقدىرىم، كەلگۈسۈم ئۈچۈن ئەمەس ئۆزىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن قايغۇرۇپ بىردەملىك ئاتا سۈپەت بولۇۋېلىپ ماڭا كۆڭۈل بۆلگەن قىياپەتكە كىرىۋېلىش ئارقىلىق مەقسىتىگە يەتمەكچى بولۇۋاتاتتى. ئۇ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن مەن ئۇنىڭدىن خاپا بولمۇسۇم. ئەكسىچە ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىدى. ئۇنىڭ سالاپەتلىك قىياپىتىگە يوشۇرۇنغان يامان غەرەزدىن يىرگەندىم. ئۆزۈم ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرالمايۋاتقان ئۆزۈمنى ئۇ ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرماقچى بولۇۋاتاتتى. جاھاننى كۆزىتىپ نۇرغۇن چارە – ئاماللارنى ئويلاپ بىقىپ ئاخىرى مېنىڭ بويتاقلىقىمغا كۆزى چۈشۈپ ئاندىن بۇ خۇلاسىگە كەلگەنلىكىنى ئويلاپ يەتمەك قىيىن ئەمەس ئىدى. ئادەملەر پايدىلىنىشقا بولىدىغان يەرلىرىمدىن تولۇق پايدىلىنىپ يەنە قانائەت قىلماي مېنىڭ بويتاقلىقىمدىن پايدىلانماقچى بولۇۋاتاتتى. ئادەم ئەسلىدىنلا ئۆزىگە تەۋە ئەمەس. ئادەم ئۆزىنىڭ قىممىتىنى بىغىشلاش، تەقدىم قىلىش ئارقىلىق باشقىلارغا ئىللىقلىق ئاتا قىلىپ ئاندىن قەدىر – قىممىتىنى ۋە ئادەملىكىنى تونۇيدۇ ۋە چوڭقۇر ھېس قىلىدۇ. بۇ ئىشتىن كېيىن ماڭا قىز تونۇشتۇرىدىغانلار ئىزچىل ھالدا ماڭا كۆڭۈل بۆلۈپ تۇردى. مەن ئۇلارنى چىرايلىقچە رەت قىلىۋەتتىم. سۇنىڭ سوغۇق ياكى ئىسسىقلىقىنى سۇنى سۈمۈرگەن بېلىقلا ھېس قىلالايدۇ. مەن بۇ دەتلىرىمنى پەقەت ئۆزۈملا بىلىمەن. شۇڭلاشقا ئىچىمدە مەن قىز بالا تاپالمىغان چىغىمدا سىلەرگە خەۋەر قىلاي قىز تونۇشتۇرىدىغان ئاقساقاللار لازقم بولغاندا سىلەرگە چوقۇم خەۋەر قىلىشنى ئۇنتۇپ قالمايمەن. تارتىنىش مېنىڭ تەبىئىتىمگە يات دەپ جاۋاب بېرىمەن، تىشىمدا بولسا كېيىنچە بىر گەپ بولار دەپ ئۇلاردىن تىزراق قۇتۇلۇشنى ئويلايمەن. ئادەملەرنىڭ سىزگە قارىساملا ئىچىم سىقىلىپ تۇرىدۇ دېگەن گېپىنى ئاڭلاپ بالىلىق چاغلىرىمدىكى مۇنداق بىر ئىش ئېسىمگە كېلىۋالىدۇ. بالىلىق چاغلىرىمىزدا نەسلى ئېسىل ئات – كالىلارنى باقىدىغان ئادەملەر بولىدىغان. بىر قوشنىمىز بار ئىدى. ئۇنىڭ بىر ئېتى ۋە بىر كالىسى بار ئىدى. ھەر ئىككىسى ئەركەك ئىدى. ئۇ ئادەم ئۆمرىدە چىشى ھايۋان بېقىپ باقمىغانىكەن. ئۇ جانىۋارلارنى ئۆز بالىلىرىدىنمۇ بەك ئەتىۋارلاپ تۈجۈپىلەپ باققاچقا شۇ كەسىپنىڭ پىشۋاسىغا ئايلانغانىكەن. باشقا بايتال ۋە ئىنەك باققۇچىلار ئات – كالىلىرىنى نەسىللەندۈرۈشكە قوشنىمىزنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كېلەتتى. يىراق – يىراق مەھەللىلەردىن بىزگە ناتونۇش ئادەملەر بايتال ياكى ئېنەكلىرىنى يۆتىلىشىپ كەلسە مەھەللىدىكى چوڭ – كىچىك ئەركەكلەر قوشنىمىزنىڭ ھويلىسىغا توپلىشاتتۇق. قوشنىمىزنىڭ ھويلىسى ناھايىتى كەڭرى بولۇپ ئوت – سامان تاشلانغان ھويلىدا ئېنەك ئارقىسىنى ئېلىپ قاچالمايدىغان مەخسۇس قاشا ياسالغانىدى. بۇقا بەك سىمىز بولغاچقا ئېنەك ئارقىسىنى ئېلىپ قاچالمىسىمۇ ئارتىلىپ بولۇپ جىم تۇرۇۋالاتتى. بۇ چاغدا ھېلىقى قوشنىمىز بۇقىنىڭ كالامپايلىقىدىن ئىچى پۇشۇپ ياندا قاراپ تۇرۇۋېرىشكە تاقىتى قالماي يىڭىنى شىمايلاپلا بېرىپ بۇقىنىڭ سايمىنىنى جايىغا كىرگۈزۈپ قوياتتى. بىز بۇ ئىشلارنى ئاقساقاللىق ياكى قانداقتۇ ئادەملەرنىڭ ھايۋانلارنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋېلىشى دەپ ئويلىمايتتۇق. ھازىر ئويلاپ باقسام تارىختىن بېرى تاغدا ياشاپ كېلىۋاتقان ھايۋانلار ئادەملەرنىڭ ئاقساقاللىقى بىلەن ئارىلىشىۋالماسلىقى بىلەنمۇ ئىشلىرىنى ئۆزى قىلىپ ئەۋلاد قالدۇرۇپ كەپتۇ. ئۇلار ھايۋانلارنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋېلىپمۇ بىزنىڭ يىزىنى ئات – كالا قاپلاپ كەتكىنى يوق. بۇ پەقەت ئادەملەردىكى بىر خىل باشقىلارنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋېلىش كېسىلىنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان نورمال ئەھۋال ئىكەن. مەن ئەتە – ئۆگۈن راستىنلا توي قىلىپ قالسام ئادەملەر تۇقىغا ياردەم قىلغاندەك ياردەم قىلىمىز دەپ تۇرۇۋالارمۇ دەپ بىر مەزگىل بىشىم قېتىپ يۈردۈم. كېيىن چوڭقۇر ئويلاپ باقسام ئۇنداق بولۇشى مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ھېس قىلغاندا ئاندىن كۆڭلۈم جايىغا چۈشتى. قانداق قىلىشىمنى پەقەتلا بىلمىدىم. ئۇ مېنى بىرەر نەرسە دېيىشكە مەجبۇرلايتتى. مېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىش مەقسىتىم يوق ئىدى. مەن ئۇنىڭغا سىز قانداق ئويلاۋاتىسىز دېسەم ئۇ ئىچ – ئىچىدىن تىلىقىپ يىغلاپ تۇرۇپ سىزگە قارايمەن. تويىمىزنى قىلساق تىزراق قىلىۋېتەيلى بولمىسا مەن قانداقمۇ يۈزۈمنى كۆتۈرۈپ يۈرۈيمەن دەپ جاۋاب بەردى. مەن بىردىنلا غەمگە پاتتىم. ئىشنىڭ ئىلگىرى – ئاخىرىنى ئويلاشقا باشلىدىم. مۇبادا بالىنى دەپ توي قىلسام ئۆمرۈمنى قۇربان بەرگەن بولىمەن. مۇبادا جىنىم يەنە قۇربان بېرىشكە ئەرزىگەن شارائىتتا، لېكىن كېيىنچۇ؟ مەن بالىنى دەپ ئۆزۈم ياخشى كۆرمەيدىغان بىر ئايال بىلەن قاباھەتلىك تۇرمۇش ئىچىدە ياشايمەن. مېنىڭ بىردەملىك يالغۇزلۇقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن خەقنىڭ سۆز – چۆچەك، تاپا – تەنىلىرىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئوينىغان ئويۇنۇم مەڭگۈلۈك كۈلپەتكە ئايلىنىپ ھاياتىمدىكى ئەڭ ئېغىر دەرد قەلبىمدىكى ئۆچمەس يارىغا ئايلانغانىدى. بوپتۇلا ئۆزۈمنى قۇربان قىلىشقا ئەرزىسە بارلىق ئارمانلىرىم ئۆلگەن بىر ئادەم بولغاندىكىن قۇربان قىلسام قىلاي دەپ ئويلىدۇم. بىراق مەندە توي قىلغۇدەك پۇل يوق ئىدى. مەن ئەھۋالىمنى ئۇنىڭغا تېلېفوندا ئېيتقاندا ئۇ باشتا ئىشەنمىدى. ئىشەنگەندىن كېيىن بولسا ئۇنداق بولسا ئىككىمىز ئۆز يولىمىزغا ماڭايلەى دەپلا تېلېفوننى قويۇۋەتتى. ئۇ مېنىڭ قۇربان بېرىشىمنى قوبۇل قىلمىدى. ھېلىقى ئېشىپ قالغان مىڭ سوم پۇل بالىنى ئالدۇرۇش ئۈچۈن چىقىم قىلىندى. پۇل بولمىغان شارائىتتا يەنە نېمە قۇربان قىلالايتتىم. بىراۋغا ئۆزۈمنى قۇربان قىلاي دېسەممۇ ئۇ ئىلىك ئالمىسا ھەتتاكى ئۆزۈمنىڭ خاھىشىم ۋە تاللىشىمغا زىت ھالدا ھايات يولىنى تاللىسام ئۇمۇ بولمىسا مەن يەنە ياشاپ نېمە قىلىمەن. مەن ئۆز بالامنىڭ قاتىلىغا ئايلاندىم. شۇ مىنۇتتىن باشلاپ ئەمدى ياشىشىمنىڭ قىلچىلىك ھاجىتى قالمىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. مېنى بېقىپ ئۆستۈرۈپ قاتارغا قاتقۇچە قەددى ئىگىلىپ مۈكچەيگەن ئاتا – ئانام ئۈچۈن تېخى بىر ئىش قىلىپ بېرەلمىسەم، ئۆزۈمنىڭ بالىسىغا تېخى ئۆزۈمنىڭ ئاتىلىق بۇرچۇمنى ئادا قىلىپ ئاتا بولالمىسام يەنە ياشىشىمنىڭ ئورنى بارمۇ؟ قانداق ئۆلۈش توغرىسىدا ئەڭ ئاخىرقى ھۆكۈمنى چىقارمىغان بولساممۇ ئىشقىلىپ مەن ئۆزۈمنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلدىم. مۇبادا مەندە قايتا تۇغۇلۇش پۇرسىتى بولمىغاندىمۇ روھىمنى تازىلاش پۇرسىتى بولغان بولسا ئىپلاس ۋۇجۇدۇمنى قايتىدىن پاكلاپ ئۆزۈمنىڭ ئادەملەرگە قويغان تەلىپىم بويىچە تۈزۈك ئادەم بولۇپ ياشىغان بولاتتىم. يالغۇزلا ياشاش تېخىمۇ ئازابلىق، زادى قانداق قىلىش كېرەك؟ توي قىلىپ ياكى بىرسى بىلەن مۇھەببەتلىشىپ بەختلىك بولۇش دېگەن كۆز قاراشتىن ۋاز كېچىپ تۇرۇپمۇ يەنە ئارامىمدا ياشىيالمىغاندىن كېيىن زادى قانداق قىلىش كېرەك. مېنىڭ چوقۇم بىر ئىش قىلىش ۋەزىپەم يوق. لېكىن چوقۇم بىر ئىش قىلمىسام مەن بىلەن تەڭ نۇرغۇن ئادەملەر ئىشسىز قىلىپ ماڭا كۆڭۈل بۆلۈشكە ۋە كۆيۈنۈشكە مەجبۇر بولىدۇ. مەن قىلىدىغان ئىشنى قىلدىم، تۆلەيدىغان بەدەلنى تۆلىدىم، قىلغۇدەك ئىشىممۇ زادى قالمىدى. تىرىك جان ئادەمدە قىلغىدەك ئىش قالمىغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا ياشاش ئارتۇقچە ئىش ئەمەسمۇ؟ ئادەم بولۇپ تۇغۇلۇپ ئادەمدەك، ئەر بولۇپ تۇغۇلۇپ ئەردەك ياشىيالماي زىمىنغا يۈك، ئىنسانىيەتكە ھاقارەت بولۇپ يۈرىۋەرگىچە ئاخىرى مۇشۇ يولنى تاللىدىم. تاللىغان يولۇمنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىنى بىلمەيمەن. چۈنكى ئامالسىزلىقتىن ياكى ماڭا ئوخشاش خىيانەتلىك دۇنيانىڭ رەزىللىكلىرىدىن زىرىكىپ بىزار بولۇپ ھاياتنى ئاخىرلاشتۇرغانلار قايتا تىرىلىپ ياشاش بىلەن ئۆلىۋېلىشنىڭ پەرقىنى ياخشى يامان تەرىپىنى سىلىشتۇرۇش ئارقىلىق مىنى قايىل قىلغىنى يوق. لېكىن مەن ئويلىمىسام بولمايدىغان بىر مەسىلە تاغدەك ئالدىمنى توسۇپ بۇ نىيىتىمدىن يىنىشقا داۋاملىق ئۈندەپ تۇرىدۇ. ئۇ بولسىمۇ مىنىڭ ئىشلىرىمغا ئارىلىشىۋېلىشنى ئادەت قىلغانلار مەن ھاياتىمنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن كىمنىڭ غىمىنى يەپ كىمگە كۆڭۈل بۆلەر؟ ئىشىغا ئارىلىشىدىغان مەن بولمىغاندىن كېيىن ئۇلار چوقۇم يەنە مەندەك بەختسىزدىن بىرنى تىپىپ ئۇنىڭغا جان جەھلى بىلەن كىرىشىۋىلىپ ئۇنىمۇ مەندەك ھالغا چۈشۈرۈپ قويمىغىچە بولدى قىلمايدۇ. مۇشۇ خىياللارنى قىلسام بۇ بەختسىزلىكنىڭ دەردىنى خۇدا ئامانىتىنى ئالغىچە تارتسام دەيمەن، قالدى ئىشلار ۋاقتى كەلگەندە بىر گەپ بولار. |


