ئەزا نامى : پارول : تەستىق كودى : تىزىملىتىڭ | پارول ئۇنتۇلغان ؟ ساقلىۋېلىڭ | باش بەت قىلىۋېلىڭ

كومپيۇتېر تەنتەربىيە خـــــەۋەر ئەدەبىيات كـــىنولار ناخشـــــا لار MTV مـــۇنـــبـــەر بــاش بــــەت
ئاۋازلىق تور ئەسىرى رەسىــــم ئـېـتوتــلار ئۈگىنىش ساغلاملىق يۇمتال مەدەنىيەت تــــۇرمـــۇش
تـــارىــخ سەھىپە تەكلىپ-پىكىر خـــــەلىقـــئارا مــــەمــلىكەت شــنجـــاڭ تور لۇغىتى تـىلۋىـزىـيــە تـــارىــخ
باش بەت
ئورنىڭىز: باش بەت > ئەدەبىيات >

« ناۋادا » بىلەن باشلىنىدىغان 55 خىل باھانە

يوللانغان ۋاقتى: 12:52 28-08-2010 مەنبە: ئانا تۇپراق ئاپتورى: زىمىستان كۆرۈلۈشى: قېتىم
« ناۋادا » بىلەن باشلىنىدىغان 55 خىل باھانە

مۇۋەپپىقىيەت قازىنالمىغان كىشىلەرنىڭ بىر خىل روشەن ئورتاقلىقى بولىدۇ. جۈملىدىن، ئۇلار بارلىق مەغلۇبىيەتلىرىنىڭ سەۋەبىنى بىلىدۇ ھەمدە مەغلۇبىيىتىنى كەم – كۈتىسىز باھانە – سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ ئاقلايدۇ.

 

بۇ باھانە – سەۋەبلەرنىڭ بەزىلىرى ئىنتايىن جايىدا قويۇلغان، بەزىلىرىنىڭ راستلىقى ھەتتا ئەمەلىيەتتە ئىسپاتلانغان بولسىمۇ، لېكىن باھانىنى پۇل ئورنىغا دەسسىتىشكە بولمايدۇ. چۈنكى دۇنيا سىزدىن پەقەت « مۇۋەپپىقىيەت قازىنالىدىڭمۇ يوق؟» دەپلا سورايدۇ.


 

بىر خارەكتېر تەتقىقاتچىسى كىشىلەر ھەر دايىم كۆرسىتىدىغان باھانە – سەۋەپلەرنى تۆۋەندىكىدەك رەتلەپ چىققان: بۇ باھانە – سەۋەپلەر تىزىملىكىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۆزىڭىز ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىپ، ئاشۇ سەۋەپلەرنىڭ قانچىلىكى سىزدىمۇ بار ئىكەنلىكىنى تېپىپ بېقىڭ. شۇ نەرسە يادىڭىزدا بولسۇنكى، كىتابىمىزدىكى پەلسەپىلەر ئاشۇ باھانە – سەۋەبلەرنىڭ بىرەرسىگىمۇ ئورۇن قالدۇرماسلىقنى مەقسەت قىلىدۇ.

1.ناۋادا ئۆيلەنمىگەن بولسام.

2.ناۋادا ئىقتىدارىم تولۇق بولغان بولسا ...

3. ناۋاادا پۇلۇم بولغان بولسا ...

4. ناۋادا ئوبدانراق ئوقىيالىغان بولسام ...

5.ناۋادا تىرىكچىلىك يولىنى تاللىغان بولسام ....

6. ناۋادا تېنىم ساغلام بولغان بولسا ...

7. ناۋادا ۋاقتىم بولغان بولسا ...

8. ناۋادا ئوبدانراق زامانلاردا تۇغۇلۇپ قالغان بولسام ...

9.  ناۋادا باشقىلار مېنى چۈشەنگەن بولسا ...

10.  ناۋادا مەن تۇرغان موھىت ھازىرقىدەك بولمىغان بولسا ...

11.  ناۋادا مەن يەنە بىر نۆۋەت تۇغىلالىغان بولسام ...

12.  ناۋادا باشقىلارنىڭ نىمە دىيىشى بىلەن كارىم بولمىغان بولسا ...

13.  ناۋادا ئىلگىرى پۇرسەتكە ئېرىشەلىگەن بولسام ...

14.  ناۋادا ئەمدى پۇرسەت كەلگەن بولسا ...

15.   ناۋادا باشقىلار ماڭا ئۆچمەنلىك قىلمىغان بولسا ...

16.  ناۋادا ھىچقانداق توسقۇنلۇققا ئۇچرىمىغان بولسام ...

17.  ناۋادا ياشراق بولغان بولسام ...

18.  ناۋادا ئويلىغىنىمنى قىلىشقا مۈمكىن بولغان بولسا ...

19.  ناۋادا بايراق ئائىلىدە تۇغۇلۇپ قالغان بولسام ...

20.  ناۋادا باي ئائىلىنىڭ قىزىغا ئۆيلىنەلىگەن بولسام ...

21.  ناۋادا باشقىلاردىكى قابىلىيەت مەندىمۇ بولغان بولسا ...

22.  ناۋادا ئۆز ھوقۇقۇمنى قوغدىيالىغان بولسام ...

23.  ناۋادا ئىلگىرى كەلگەن پۇرسەتنى تۇتالىغان بولسام ...

24.  ناۋادا مېنى باشقىلار ئازدۇرمىغان بولسا ...

25.  ناۋادا ئۆيۈم، بالام دەپ يۈرمىگەن بولسام ...

26.  ناۋادا ئاز – تولا پۇل توپلىيالىغان بولسام ...

27.  ناۋادا خوجايىن ئىلتىپات قىلغان بولسا ...

28.  ناۋادا باشقىلار ياردەم قىلغان بولسا ...

29.  ناۋادا ئائىلەمدىكىلەر مېنى چۈشەنگەن بولسا ...

30.  ناۋادا چوڭراق شەھەردە بولغان بولسام ...

31.  ناۋادا ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا تۇتۇش قىلالىغان بولسام ...

32.  ناۋادا ۋاقتىم بولغان بولسا ...

33.  ناۋادا پالانىنىڭ خارەكتىرى مەندىمۇ بولغان بولسا ...

34.  ناۋادا بۇنچىۋالا سەمرىپ كەتمىگەن بولسام ...

35.  ناۋادا باشقىلار قابىلىيىتىمنى بىلگەن بولسا ...

36.  ناۋادا تەلىيىم بولغان بولسا ...

37.  ناۋادا قەرىزدىن قۇتۇلالىغان بولسام ...

38.  ناۋادا مەغلۇپ بولمىغان بولسام ...

39.  ناۋادا قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى بىلگەن بولسام ...

40.  ناۋادا باشقىلار قارشى تۇرمىغان بولسا ...

41.  ناۋادا بۇنچىۋالا كۆپ ئاۋارىچىلىقلارغا يولۇقمىغان بولسام ...

42.  ناۋادا جورامنى توغرا تاللىيالىغان بولسام ...

43.  ناۋادا كىشىلەر بۇنچىۋالا دۆت بولمىغان بولسا ...

44.  ناۋادا ئائىلەمدىكىلەر بۇنچىۋالا ئىسراپخور بولمىغان بولسا ...

45.  ناۋادا ئۆزۈمگە ئىشلىگەن بولسام ...

46.  ناۋادا بۇنداق شور پىشانە بولمىغان بولسام ...

47.  ناۋادا ئىلىكى شور تۇغۇلۇپ قالمىغان بولسام ...

48.  ناۋادا ئىشلار ... بولغان بولسا ...

49.  ناۋادا مۇشۇنداق جاپالىق تىرىكچىلىككە قالمىغان بولسام ...

50.  ناۋادا مال – دۇنيارىمدىن زىيان تارتىپ كەتمىگەن بولسام ...

51.  ناۋادا باشقا بىر مەھەللىدە ئولتۇرغان بولسام ...

52.  ناۋادا ھېلىقىدەك كەچمىشلىرىم بولمىغان بولسا ...

53.  ناۋادا ئۆز ئالدىمغا ئىگىلىكىم بولغان بولسا ...

54.  ناۋادا باشقىلار گېپىمگە ماقۇل دېگەن بولسا ...

55.  ناۋادا ... ...   ( بۇ بارلىق باھەنىلەر ئىچىدە ئەڭ موھىمدۇر )

ناۋادا ئۆزۈمگە دادىل يۈزلىنىپ، ئۆز كەمچىلىكلىرىمنى تېپىپ چىقىپ، ئۇنى ئۆزگەرتەلىگەن بولسام، ئېھتىمال ئاشۇ كەمچىلىكلىرىم ئىچىدىن پايدىلىق نەرسىلەرنى تېپىشقا مۇۋەپپەق بولالىغان، باشقىلارنىڭ تەجرىبىلىرىدىن خېلى نەرسىلەرنى ئۈگىنىۋالغان بولاتتىم. چۈنكى ئاشۇ كەمچىلىكلەرنىڭ ئۆزۈمدە مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بىلىمەن. ناۋادا ئىلگىرى ئۆزۈمنىڭ ئاجىزلىقلىرىنى تەھلىل قىلىشقا كۆپرەك ۋاقىت ئاجرىتالىغان، ۋاقتىمنى ئاجىزلىقلىرىمنى باھانە – سەۋەب بىلەن يوشۇرۇشقا ئىسراپ قىلىۋەتمىگەن بولسام، غايەمدىكى مەنزىلگە ئاللىقاچان يېتىپ بولغان بولاتتىم.

ياخشىكەن
(8)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر
加强民族团结,维护国家稳定,构建和谐社会。

郑重声明:我站坚决遵守中华人民共和国著作权法及互联网法律法规。本站禁发违反国家有关法律的任何内容,一旦发现,将向国家有关部门举报,后果自负!。
.تور بېكىتىمىزدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى زىت ھەم دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى پارچىلايدىغان سۆزلەرنى قىلىشقا قەتئىي بولمايدۇ،ئەگەر بايقىلىپ قالسا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا ماتىريالىڭىزنى تاپشۇرۇپ بېرىمىز
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ
  • ruianwang
  • hongqiaowang
  • windows xp
  • 7k7k7
  • faxing
  • xintaoke
  • 2012
  • 3366
  • ghost xp sp3
  • xinluobo
  • k7k7
  • ghost xp
  • win7
  • xigua
  • nrzy
  • rmzt
  • 4dd4
  • 789
  • www.xwdy.com
  • www.386w.com
  • www.xiame.com
  • www.jiasuba.com
  • www.7415.com
  • www.xinluobo.com
  • www.xinxigua.com
  • hao123
  • hao123.com
  • 33
  • 65ip